قازاقىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ ھەقىقىي «ماھىيىتى» نى ئاقلىدى

قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ ئاساسلىق چوڭ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاتالمىش «مائارىپ تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئائىت ئېلان قىلىنىۋاتقان دوكلات ۋە خەۋەرلەرگە ئىنكاس بىلدۈرگەن.

بۈگۈن، يەنى 16-ئاپرېل كۈنى خىتايدا چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىگە بېسىلغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان چەتئەل تاراتقۇلىرىدا تارقالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئائىت ئۇچۇرلار ھېچقانداق دەلىل-پاكىتى يوق، ئاساسسىز خەۋەرلەر ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى مۇشۇ خىل «تەربىيىلەش مەركىزى» دىن ئاتالمىش «قويۇپ بېرىلگەن» قازاق ئاھالىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە قاتتىق قىيىن-قىستاق ۋە خورلۇقلارغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان ئىكەن.

ھالبۇكى، «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى خەۋىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۇچۇر بېرىشى ئارقىلىق، «تەربىيىلەش مەركىزى» دىن «قويۇپ بېرىلگەن» قازاقلارنىڭ يالغان ھېكايە توقۇغانلىقى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جاڭ شياۋ ئاساسلىق چوڭ تاراتقۇلارغا سۆزلىگەن سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا «جازا لاگېرى» ياكى «گۇلاگ» نىڭ قەتئىي مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا كىشىلەرنى ئىزچىل مائارىپ ۋە كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قازاقىستان دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» دەپ ئاتالغان، قازاقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارغا سولىنىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سېرىكجان بىلاشنى نەزەربەند قىلغان ئىدى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق جازا لاگېرى مەسىلىسىنى دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بۇ مەسىلىنىڭ پاكىتسىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگېرى ھەققىدە ئاۋۋال ئىنكار قىلىش، ئاندىن ئېتىراپ قىلىش، ئاخىرىدا پەردازلاپ كۆرسىتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى.