قازاقىستاندا خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان تەسىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.09.05

4-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى، قازاقىستاندا خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان تەسىرىگە قارشى نامايىشلار يۈز بەرگەن. نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ مەبلەغ سالغان زاۋۇت-كارخانا قۇرۇلۇشلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ نامايىشلار ئالدى بىلەن يەكشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى كىچىك سانائەت شەھىرى بولغان جاڭائۆزىندە باشلانغان، شۇ كۈنى 100 ئەتراپىدا بولغان نامايىشچى سانى دۈشەنبە كۈنىگە كەلگەندە 300 دىن ئېشىپ كەتكەن. چارشەنبە كۈنى بولسا، نامايىشلار قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتانغا ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان ئالمۇتاغا كېڭەيگەن. 

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى، ئالمۇتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار قوللىرىدا «خىتاي زاۋۇتلىرى كىرمىسۇن» دېگەن شوئار تاختىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىش قىلغان. 

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي زاۋۇتلىرىغا قارشى بۇ نامايىشلارغا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رايوندىكى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ۋە بۇ زاۋۇتلار يەرلىك خەلقتىن ئىشچى قوبۇل قىلماي، خىتايلارنى ئەكېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقتىن ئۇنىڭ يەرلىك خەلققە ھېچقانداق بىر پايدىسىنىڭ بولماسلىقىدەك ئامىللار بىۋاسىتە سەۋەب بولغان. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى سىياسىي تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «رادىكاللىقنى تۈگىتىش» نامى ئاستىدا 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى لاگېرغا قاماپ زۇلۇم قىلىشىمۇ قازاقىستاندا خىتايغا نىسبەتەن نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتىكەن. 

يېقىندا قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا رول ئوينىغان پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى قولغا ئېلىشىمۇ خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى تەسىر كۈچىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالغانىدى. سېرىكجان بىلاشئوغلى كېيىن شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.