خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قازاق پۇقرالىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى قازاقىستانغا باش ئاغرىقى تېپىپ بەرگەن. 6-ئاۋغۇست كۈنى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قازاقلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى قازاقىستاندا ئاممىۋى نارازىلىق قوزغىغانلىقى، قازاقىستاننىڭ بۇ نارازىلىقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە بېشى قېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«خىتاينىڭ قازاقلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىكى توسالغۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا تەكىتلىنىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي پۇقراسى بولغان قازاقلارنى ياكى قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن قازاقلارنى «سىياسىي تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا ئەۋەتكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئاممىۋى نارازىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ماقالىدا قازاقىستانغا قېچىپ چىققان يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ سابىق قازاق خادىمى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى سوتلانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، سايراگۈلنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن لاگېر ھەققىدە «بۇ لاگېرنىڭ رەسمىي نامى خىتاي ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆگىتىدىغان ‹تەربىيىلەش مەركىزى›. ئەمەلىيەتتە ئۇ تاغ ئىچىدىكى بىر تۈرمە» دېگەن سۆزلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاننىڭ ياركەنت ناھىيىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ سابىق خادىمى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ سوتلاپ، ئۇنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى قارار قىلغان. سايراگۈل سوتتا يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، قازاقىستان ۋە خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» دىكى ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قازاقىستان ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ تەنقىدلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم دائىرىلەر سايراگۈلگە جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدا يېنىك ھۆكۈم چىقارغان. ماقالىدا قازاقىستاندىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈپ، سايراگۈلنىڭ دېلوسىدا «جامائەت پىكرى ھالقىلىق رول ئوينىدى» دېيىلگەن. ماقالىدا يەنە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ زور دەرىجىدە خىتايغا تايىنىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ 51 خىل قۇرۇلۇش تۈرىگە 27 مىليارد 700 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشنى كېلىشكەنلىكىنى، شۇڭا قازاقىستاننىڭ خىتايدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرمەسكە سالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «بىراق سايراگۈل ۋەقەسى ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت پىكرىگە سەل قارالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى،» دېيىلگەن.