ئۇيغۇر رايونىدا «قەدىمكى قاڭقىل يولى» ناملىق ئارخېئولوگىيە ساياھەت پائالىيىتى باشلانغان
2023.06.12
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلىغان ئۇيغۇر رايونىنى كەڭ كۆلەملىك خىتايلاشتۇرۇپ، بۇ رايوندىكى خەلقلەرنى ئومۇميۈزلۈك «جۇڭخۇا مىللىتى» گە ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتىدە ئارخېئولوگىيە ساياھەتچىلىكىنىمۇ كەڭ كۆلەملىك قانات يايدۇرماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر خىتاينىڭ قەدىمكى سالنامىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىدىن «چېشى\جۈشى» يەنى «ئېگىز ھارۋىلىقلار» ياكى «قاڭقىللار» نامىدا «قاڭقىل يولى» ئارخېئولوگىيەلىك ساياھەت ھەرىكىتى باشلىغان. «خىتاي خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 2-شەنبە كۈنىنى خىتاينىڭ «مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلار ئارخېئولوگىيە ئورنى، تۇرپان تەتقىقات جەمئىيىتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقات ئىنستىتۇتى» بىرلىشىپ، 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە «خىتاي مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى» نىڭ «شىنجاڭ قاڭقىل قەدىمكى يولى ئاممىۋى ئارخېئولوگىيە پائالىيىتى» نى باشلىغان. خەۋەردە، بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسى تېمىسى «قەدىمكى قاڭقىل يولىدا ئارخېئولوگىيەلىك دالا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، قەدىمكى يول ۋە قەدىمكى مىراسلارنىڭ ھازىرقى تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ۋە ساياھەتنى ئېچىۋېتىشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى ئاممىغا «شىنجاڭنىڭ قەدىمى يوللىرىدىكى تارىخىي مىراسلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش» ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىغا قايتا ئېنىقلىما بەرگەن. ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ بىر پارچىسى» دەپ ئېلان قىلغان، شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ساياھەتكە تەشكىللەپ، بۇنى ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈشكە كىرىشكەن ئىدى.