يېقىندا خىتاي ئارخېئولوگلىرى قۇمۇلنىڭ باركۆل ناھىيەسىدە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ، بۇنىڭدىن 3300 يىل بۇرۇنقى بىر قەدىمى ئۆينىڭ ئىزىنى بايقىغان. 1240 كۋادرات مېتىرلىق بۇ ئوي 12 ئېغىز خانە، بىر مېھمان كۈتۈش ئۆيى ۋە بىر قازناقتىن تەركىب تاپقانىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئورۇندا خىتاي غەربىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگى رېن مىڭ باشچىلىقىدىكى ئارخېئولوگىيە ئەترىتى قېزىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، رېن مىڭ بۇ ئۆينىڭ ئاز دېگەندە 3 قېتىم رېمونت قىلىنىپ، ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە ئاخىرىدا تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆي تۇنجى قېتىم تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1300 يىلدىن 1100 يىلغىچە، 2-قېتىم مىلادىدىن بۇرۇنقى 1100 يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 900 يىلغىچە ئىشلىتىلگەنىكەن. ئارخېئولوگلار ئۆينىڭ ئاشخانىسىدىن تېپىلغان ئوچاق، ئورەك، ساپال قاچىغا ئېلىنغان ئارپا قاتارلىق بۇيۇملارنى ۋە ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئامبار، مېھمانخانا قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ چىققان. خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۆي باركۆل كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقانىكەن.
تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە باركۆل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ بۇرۇن ماكانلاشقان يۇرتلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن خەۋەردە بۇ ئۆينىڭ قايسى خەلقلەرگە تەئەللۇق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنى لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىمۇ ئىنكار قىلىشقا باشلىغان. ئارخېئولوگىيەنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىرقىسمى» دېگەن تەشۋىقات ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆي باركۆلنىڭ ھاۋا كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش سەۋەبلىك مىلادىدىن 800 يىل بۇرۇن تاشلىنىپ قالغانىكەن.