ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمىي شەھەر رايونلىرى «ئۆزگەرتىش» نامىدا ۋەيران قىلىنماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 24-ئاۋغۇستتكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدىكى «كوناشەھەر» نامىدا ئاتالغان رايونلاردىكى 1600 دىن ئارتۇق مەھەللە چېقىپ تاشلانغان، بۇ رايونلاردىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالە بولسا 200 مىڭدىن ئاشقان. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى بىر تۈرلۈك جىددىي ۋەزىپە قاتارىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل «ئۆزگەرتىپ قايتا قۇرۇش» نامىدىكى چېقىش ھەركىتى چۆچەك، ئۈرۈمچى، سانجى، قۇمۇل، غۇلجا قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدىلا ئىجرا قىلىنغان. ئەمما بۇ خىل چېقىش ھەركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا «خەلق ئاممىسىغا بەختىيار تۇرمۇش يارىتىشنىڭ نەمۇنىلىرى» دېگەن شەكىلدە چۈشەندۈرۈلمەكتە ئىكەن. ئىلگىرىكى يىللاردا قەدىمىي شەھەر قەشقەرمۇ ئەنە شۇ خىل «پۇقرالارنى قالاق تۇرمۇشتىن خالاس قىلىش» دېگەن نامدا چېقىپ تاشلانغان ئىدى.

ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭ قويۇق سىياسىي مەقسەتنى كۆزلىگەن پىلانلىق بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا ئىلگىرىمۇ بۇ خىل چېقىۋېتىلگەن رايونلاردا يېڭىدىن سېلىنغان بىنا ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشقا ئۇيغۇرلار ئىلاجىسىز قالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بۇ بىنالارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ئاققۇنلىرىغا «مۇكاپات» تەرىقىسىدە ھەدىيە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئ‍انالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ يوسۇندا قەدىمىي پۇراققا ئىگە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئەسلىتىدىغان بارلىق شەيئىلەرنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن، مۇشۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا كەلكۈندەك كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىغا ئولتۇراق ماكانى ياراتماقچى بولۇۋاتىدۇ،» دېدى.