لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ كەچمىشلىرى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەندى

ياپونىيەلىك كارتونىست تومومى شىمىزۇنىڭ لاگېر شاھىت قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ كەچمىشلىرىنى تەسۋىرلىگەن «مېنىڭ ھاياتىمدا يۈز بەرگەن ئىشلار» ناملىق تېز سىزمىلىرى يېقىندا كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن.

مەزكۇر كارتون فىلىم 28-دېكابىر كۈنى يوتۇپ تورى ئارقىلىق تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانى ۋە چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن لاگېرلارنى ئاشكارىلاش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ناھايىتى تەسىرلىك ھالدا بايان قىلىنغان. كارتون فىلىمدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، لاگېرلار ئىچىدىكى قورقۇنچلۇق رېياللىقلار روشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.

تامومى شىمىزۇ خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردىكى قورقۇنۇچلۇق ھاياتى تېما قىلىنغان تۇنجى ئەسىرى- «بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى ھېچكىم ئېغىزغا ئالمايدۇ» بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇ، «مېنىڭ ھاياتىمدا يۈز بەرگەن ئىشلار» ناملىق چاتما كارتون ئەسەرلىرىنى لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ھېكايىسىدىن باشلىغان ۋە كېيىن گۈلباھار جېلىلوۋا، سايراگۈل ساۋۇتباي قاتارلىق يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن ھايات قۇتۇلۇپ چىققان ساناقلىق شاھىتلار ئارقىلىق داۋام قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان تراگېدىيەلىك رېياللىقىنى ئوبرازلىق ھالدا يورۇتۇپ بەرگەن.