خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر شائىرى چىمەنگۈل ئاۋات ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.11.13

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 9-نويابىر تۇتقۇندىكى يېتۈك ئۇيغۇر شائىرى چىمەنگۈل ئاۋۇت ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلغان. يازغۇچىلارنىڭ مەزكۇر خەلقئارا تەشكىلاتى چاقىرىقىدا، كىشىلەرنى «2020-يىللىق تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كۈنى چىمەنگۈل ئاۋۇت ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە» چاقىرغان. چىمەنگۈل ئاۋۇت قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى بولۇپ، 2018-يىلى 7-ئايدا مەزكۇر نەشرىياتنىڭ چىمەنگۈل ئاۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 نەپەر خادىمى بىراقلا تۇتقۇن قىلىنغان.

چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق رومانىنى تەھرىرلىگەنلىكى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى چاقىرىقىدا، «قايتا-تەبىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى، چىمەنگۈل ئاۋۇتقا سوت تەرىپىدىن ھېچقانداق ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغانلىقى، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ھازىرقى ھالىتىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكى، «چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ جازالىنىشىنى ئۇنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېنىق بۇزغۇنچىلىق» دەپ قارايدىغانلىقى، «ئۇنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى كىشىلەرنى خىتاينىڭ شى جىڭپىڭ، چېن چۈەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلىرىغا، ئۇنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرىگە خەت يېزىپ، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىشى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى مۇستەقىل ئېنىقلاشقا يول قويۇش ھەم ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. چىمەنگۈل ئاۋۇت يېتۈك ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمى 2008-يىلى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك «تۇلپار» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.