خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە قۇرماقچى بولغان قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئۈچۈن شېنجېن شەھىرىدە مەخسۇس ئىش بېجىرىش مەركىزى قۇرۇپ، خېرىدار چاقىرىشقا باشلىغان.
«قەشقەر ھۆكۈمەت تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مەركەز 25-فېۋرال رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خېرىدار چاقىرىش مەركىزىدىكى خادىملار شېنجېندا «قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئەۋزەللىكى» ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن چىقىپ مەبلەغ سالغۇچىلارغا بېرىلىدىغان «ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى» نى چۈشەندۈرىدىكەن.
قەشقەرگە ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇش پىلانىنى شېنجېن شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش تەتقىقات يۇرتى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
خەۋەرلەردە قەشقەر ئالاھىدە رايونىغا مەبلەغ سالغۇچى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، مەزكۇر رايونغا مەبلەغ سالغۇچى ئۇيغۇرلارغا قانداق ئېتىبار سىياسەتلىرى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا يەكلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلىشقا باشلىغان مەزكۇر تەرەققىيات رايونىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.