«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «قەشقەر ئەركىن سودا رايونى» دىكى تۇنجى ئېلېكتىرون كارخانىسى «شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون» دا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭ چيەن شەرق بىلەن غەربنى يەنى ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولىنى ئاچقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە ‹بىر بەلباغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىنىپ، سودا-ئىقتىسادنىڭ ھەر تەرەپلىمە كېڭىيىشىگە سىجىل تۈرتكە بولماقتا. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ۋە باجدىن خالىي رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.»
خەۋەردە «شىنجاڭ شۈنفا ۋېيچى ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ مەسئۇلى جېڭ ۋېينىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، قەشقەرنىڭ شىركەتلەر ئۈچۈن ياخشى ئىستىقبالغا ئىگە جاي ئىكەنلىكى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ قەشقەر ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ماكانلىشىپ، بۇ يەردە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىنىدىغان يۇقىرى ئېقىملىق لىتىيلىق باتارېيە كارخانىسىنى قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا قاتنايدىغان يۈك پويىزى لىنىيەسىنىڭ 21 گە يەتكەنلىكى، بۇ لىنىيەلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا-شەرق ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى 19 دۆلەت، 26 شەھەرگە تۇتاشقانلىقى، توشۇلىدىغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەسلەپكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەردىن ماشىنا ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق تۈرگە كېڭەيگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى يېقىندا ئېلان قىلىنغان. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سودىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ رايوندا بارغانسېرى كېڭىيىشى ۋە ئومۇملىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بۇرۇنقى نەچچە يۈز مىڭلىغان «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگۈچى» لەرنى مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى «نورماللاشتۇرۇش» قا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.