مارالبېشى «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي ئامانلىق ساقلاش دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش، ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە 7 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىشىلەر خىتاي دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، دەپ ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. بىراق دىلشات رىشىت بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى، كەسپىي، قاچان تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار ھەققىدە توختالمىغان.
خىتاي دائىلىرى «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دىن كېيىن، قەشقەرنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، يېزا، كەنتلىرىدە ئاختۇرۇش، تەقىپ قىلىپ، چازا قۇرۇپ تەكشۈرۈش، مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن. ئاتالمىش نۇقتىلىق شەخسلەرنى 24 سائەت كۆزىتىش ئاستىغا ئالغان. دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرئان ئوقۇغان، دىنىي ئەسەرلەرنى ساقلىغان ئائىلىلەر تەقىپ قىلىنىپ، بۇنداق ئائىلىلەرنى بايقاپ ھۆكۈمەتكە پاش قىلمىغان كىشىلەرنى جازالاشنى يولغا قويغان. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل رادىكال ئامانلىق تەدبىرى نارازىلىقنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىپ، يەنە قارشىلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
