خىتاي دائىرىلىرى تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسى يۆتكەپ، ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى كەڭ كۆلەملىك كېڭەيتىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمىي مەركەزلىرىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئاز كەم 90 پىرسەنتتەك كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خىتاي تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋەرلىرىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلى يەنى دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدىكى ئىمپورت -ئېكسپورتىنىڭ 25 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 83.4 پىرسەنت ئارتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتى خىتاينىڭ ئۇيۇر دىيارىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، بولۇپمۇ قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارقىلىق رۇسىيەگە چەكلەنگەن تاۋارلارنى ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنماقتا.
بۇ ھەقتىكى تەتقىقات دوكلاتلىرىدا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە چىقارغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق خىتايدىن كىرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا ھەرقانداق ۋىلايەت شەھەردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ۋىلايەت ھازىر 182 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى قىلماقتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى قەشقەرنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈچ «ئەركىن سودا رايونى» نىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەرگە نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى يۆتكەپ چىقىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسى ئەڭ كۆجۈملەشكەن رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇلغانىدى. خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان قەشقەر ئومۇمى ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنىڭ 46.3 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، قەشقەرنىڭ ۋىيېتنام بىلەن بولغان سودىسىنىڭ ئاز كەم 113 ھەسسە، مالايسىيا بىلەن بولغان سودىسىنىڭ 204 ھەسسە، تايلاند بىلەن بولغان سودىسىنىڭ 19 ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى بازا قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.