خىتاي ھۆكۈمىتى 11-نويابىر كۈنى قەشقەر شەھىرىدە «قەشقەر ئەركىن سودا رايونى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئەركىن سودا رايونىغا يەرلىشىدىغان شىركەت-كارخانىلارغا ئىجازەتنامە تارقىتىپ بەرگەن. شۇنداقلا دەسلەپكى قەدەمدە خىتاي شىركەتلىرىدىن 35 شىركەت مەزكۇر ئەركىن سودا رايونىغا يەرلەشكەن. بۇ 35 شىركەت ۋە كارخانا سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق توختام تۈرلىرىگە نائىل بولغان. لېكىن ئادرىيان زېنز قاتارلىق چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، «قەشقەر ئەركىن سودا رايونى» دا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەرقانداق شىركەت ۋە كارخانا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىكەن. خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتى بۇ يىل 1-نويابىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلىرىدە «ئەركىن سودا رايونى» تەسىس قىلىنىپ، بۇ رايونلارغا باج، مەبلەغ، مالىيە، ئېكسپورت قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ھوقۇقلارنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى «ئەركىن سودا رايونى» نىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىچكى ۋە خەلقئارا بازار بىلەن بىرلىشىشى، ‹بىر يول بىر بەلباغ قۇرۇلۇشى› نىڭ تۈگۈنى بولۇشى، ئۇنىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ‹ئالتۇن قانال› قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىشى» تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن گېرمانىيەلىك مەجبۇرىي ئەمگەك مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز 20-نويابىر X تا، قەشقەر «ئەركىن سودا رايونى» دا ئولتۇراقلاشقان ھەرقانداق شىركەت نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر ئەركىن سودا رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەر بىر سانائەت ساھەسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ دۇنياۋى مىقياستا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدىكەن. خەۋەرلەردە، «قەشقەر ئەركىن سودا رايونى» تىزىمغا ئالدۇرغان شىركەتلەرنىڭ سودا، ئارقا سەپ مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملار، يېڭى ماتېرىياللار ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق سودىلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
