خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازىرىنى ئىگىلەش پىلانىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 60 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئۇيغۇر رايونى ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 24.1% نى ئىگىلىگەن، يىللىق ئېشىش نىسبىتى 89.7% بولغان. بۇنداق بولغاندا، قەشقەردىكى ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئېشىش سۈرئىتى، شۇنداقلا باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە ئۇيغۇر رايونى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەرنىڭ قازاقىستان، پاكىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق 8 دۆلەت بىلەن تۇتىشىشىدەك جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، قونجىراپ، قاراسۇ، تورغات ۋە قەشقەر ئاۋىئاتسىيە پورتى قاتارلىق 5 پورت ئارقىلىق قەشقەرنى خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان كۆزنىكى قىلغانىدى.
خىتاينىڭ «خەلق تورى» دا بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتاي يەنە قەشقەرنى خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگرا بويىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قەشقەرگە تۇنجى تۈركۈمدە 35 كارخانا ماكانلاشقان. ئۇلار سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال، ئاپتوموبىل پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كېلىشىم ئىمزالانغان تۈر مەبلىغى 17 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا يۇقىرىدىكى بۇ ساھەلەر ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان، قەشقەرگە يەرلەشكەن بۇ زاۋۇتلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سالمىقىنىڭ يەنىمۇ ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.