خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر شەھىرىنى غەربكە ئېچىلىش كۆزنىكى قىلىشقا كۈچىمەكتىكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ ئورگان تورى بولغان «تەڭرىتاغ تورى» «شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى غەربكە ئېچىلىش كۆزنىكى-قەشقەر» دېگەن تېمېدا ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلغان.

ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان «بىر بەلۋاغ-بىر يول» پروگراممىسىنىڭ يادروسى بولغان قەشقەرنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان بەش چېگرا ئېغىزى يەرلەشكەن جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە يەنە قەشقەرنىڭ سىرتتىن نۇرغۇن ئىقتىسادىي مەبلەغ جەلپ قىلغانلىقىى تەكىتلەنگەن. بولۇپمۇ 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئالاھىدە ئاشقانلىقىى كۆرسىتلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىياغا كېڭىيىشتىكى كۆزنەك قىلىۋاتقانلىقىنى، قەشقەردە خىتاي شىركەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق «ئىختىساسلىق خادىملار» نامىدا ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى شىددەت بىلەن كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن قەشقەرنىڭ تىز سۈرئەتتە خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.