قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى نەشر قىلىنمىغان

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى نەشر قىلمىغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ 27-فېۋرالدىكى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەتلەرنىڭ بىرى بولغان قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قەشقەر تەۋەلىكىدىكى بارلىق ھۆكمەت تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى يوق ئىكەن.

قەشقەر ھۆكۈمىتىگە تەۋە «قەشقەر ئۇچۇر تورى» دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ تور 2002-يىلى رەسمىي ئەنگە ئالدۇرۇلغان. ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيان مەزكۇر ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇر تىلدىكى نەشرى تارقىتىلمىغان.

قاغىلىق ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدىكى بىر پارچە سۈرەتلىك خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئائىت يېزا ئىگىلىك يىغىنىنىڭ ۋىۋىسكىسىدىمۇ ئۇيغۇرچە خەتلەرگە ئورۇن بېرىلمىگەن.

قەشقەردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە تەۋە تور بەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا بولۇشى، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىمگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىغا نىسبەتەن سوئال تۇغدۇرماقتا.

ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بۇ ۋەجىدىن قىلغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدۇرۇلدى.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» سىياسىتىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنى بارغانچە تارايتقان ئىدى.