قەشقەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي خەۋەرلەر تورى 15-سېنتەبىر تارقاتقان خەۋىرىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا قەشقەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 42 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %127.7 ئاشقانلىقى، سودا ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلى بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

خەۋەردە بۇ نەتىجە، قەشقەرنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىكى ئاساسلىق تۈگۈنگە ئايلىنىشىغا باغلانغان بولۇپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال رايونىنىڭ پاكىستان بىلەن خەلقئارا قاتناش تۈگۈنلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تاموژنا تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىمايدىغان «خەلقئارا تاشيول قاتنىشى كېلىشىمى» (TIR) نى ئىمزالىغانلىقى ۋە ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە 190 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.9 ئاشقان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 38.43 مىليارد يۈەن بولغان.

خىتاي ماللىرىنىڭ پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە توسقۇنسىز توشۇلۇشى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن ئېكسپورت قىلىنىشىغا، ئامېرىكاغا كىرەلمەيدىغان ماللارنىڭ پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە ماڭدۇرۇلۇشىغا كەڭ يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.