قەشقەر ئەركىن سودا رايونىدىكى تۇنجى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن

«خىتاي تورى» نىڭ 11-ئاينىڭ 28 كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەركىن سودا رايونى بولغان قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى «شىنجاڭ چاڭشىن ئېلېكترونلۇق تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، قەشقەر ئەركىن سودا رايونى ئېچىلغاندىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن تۇنجى شىركەت ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ شىركەت توك سىمى، لامپا، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، «قەشقەردىكى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى شىركەت، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى غەربكە ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان» دەپ ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان.

قەشقەردە بۇ تىپتىكى ئېلېكترونلۇق تېخنىكا ۋە بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرى ئىككى يىلدا %200 ئاشقان. يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتتىن بۇ يىل 7 يېڭى تېخنىكا شىركىتى قۇرۇلۇپ، 2021-يىلدىكى 2 شىركەتتىن دىن 14 شىركەتكە كۆپەيگەن.

خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى بۇ خىل كارخانىلارنىڭ غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكىسپورتىنى كېڭەيتىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان دوكتور ئادرىئان زېنز بۇ خىل تەرەققىياتنى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەمدە داۋاملىشىۋاتقان قۇل ئەمگىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.

تەتقىقاتچى دەررېن بايلېرمۇ «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» ناملىق كىتابىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەركىن بازار، دۆلەت كاپىتالىزمى ۋە كۆچمەنلەر مۇستەملىكىسى نۇقتىئىنەزىرىدىن شەرھلىگەنىدى.