خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل قەشقەر «كەسپىي تەربىيەلەش ئىنستىتۇتى» دا يېڭىدىن 6 كەسىپ كۆپەيتىلگەن، يېڭىدىن 600 نەپەر ئوقۇغۇچى ئېلىش پىلانلانغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەشقەر تېخنىكا ئىنستىتۇتى 2019-يىل قۇرۇلۇپ، رەسمىي ئوقۇغۇچى ئېلىشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىنىپ، ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا سولانغاندىن كېيىنكى يىللارغا توغرا كەلگەن.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئۆتكەن يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياردىمىدە يەركەن ناھىيەسىدە «قەشقەر كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى» قۇرۇلغانلىقى، بۇ خىلدىكى كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، رايوندىكى شىركەت-زاۋۇتلار ئۈچۈن كەسپىي خادىملارنى تەربىيەلەش، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلاشقا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى مەدھىيەلەنگەنىدى.
ئادرېئان زېنزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا سولىغان بولسا؛ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر قايسى جايلاردا كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەيدىغان «تېخنىكىلىق ئىشچى» لارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى پىلانلىغان.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 10-يانۋار كۈنى چىقارغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان خۇبېي ئۆلكىسى، بورتالا ئوبلاستى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان 14 مىڭ ئوقۇغۇچىنى «كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىگەن» ئىكەن.
بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە مەكتەپنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش خاراكتېرىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇنىڭ لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىمالىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىكەن. لاگېرلارنى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم ياشلارنى مەخسۇس ئىشچى قىلىپ تەربىيەلىگەنلىكى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ماڭدۇرغانلىقى مەلۇم. 2023-يىل 4-ئايدا «باھار شامىلى» ھەرىكىتىدە قەشقەردىن بىر كۈندە 102 نەپەر ئۇيغۇر ياش خۇبېي ئۆلكىسىگە ماڭدۇرۇلغانىدى.