قەشقەر كونا شەھەر ھاكىمىغا يېزىلغان ئوچۇق خەت جاۋابقا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.02.04

ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋى توربەتلەردىن بىرىدە «كونا شەھەر ھاكىمىغا ئوچۇق خەت» ناملىق مەكتۇپ ئېلان قىلىنغان ۋە ئوچۇق خەتتە كونا شەھەرنىڭ پىلال كەنتىدە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاھالىلەردىن زۆرۈرىيەتسىز ھالدا پۇل توپلانغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان ۋە ناھىيە ھاكىمى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر ئىنكاسچى بۈگۈن يەنە شۇ توردا بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنىڭ تەلتۆكۈس ھەل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ناھىيە رەھبەرلىرىگە ئۆزى يازغان ئوچۇق خەتكە دىققەت بەرگىنى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلغىنى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە بەزى تور ئەزالىرى مەزكۇر ئىنكاسچىنىڭ مىننەتدارلىق باياناتىنى مەجبۇرىي يازغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە، ئەمما يەنە بەزىلەر ئوچۇق خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە سەزگۈر مەسىلىلەردىن بولمىغاچقا، جۈملىدىن سىياسىي مەسىلە بولمىغاچقا، خەتنىڭ سەمىمىيەتتىن يېزىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەگەر مەسىلىنىڭ ھەل بولغانلىقى ۋە ئىنكاسچىنىڭ بىخەتەرلىكى راست بولسا، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاز كۆرۈلىدىغان جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدىن پايدىلىنىپ مەسىلە ھەل قىلىش ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.