قەشقەر بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدا يۈك ترانسپورت ھاۋا قاتنىشى رەسمىي يولغا قويۇلغان

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوتتۇرا ‍ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارقىلىق قۇرۇقلۇق يولى بىلەن رۇسىيەگە ئېكسپورتنى كۆپەيتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، قەشقەر بىلەن موسكۋا ئارىسىدا بىۋاسىتە يۈك ترانسپورت ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلغان.

بۇ ئامېرىكا تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك بازىسى، دەپ قارىلىپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكىسپورتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، دەپ قارالماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 2023-يىللىق ئومۇمى ئىمپورت-ئېكىسپورتىنىڭ 357 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلقىدىن 45.9 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا، «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن غەربنىڭ قاتتىق جازالىشىغا ئۇچرىغان رۇسىيەگە ئۇيغۇر رايونى ئارقىلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشتا ئوتتۇرا ئاسىيادىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 26-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 25-يانۋار كۈنى رۇسىيەنىڭ ۋولگا-دنېپېر ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە قاراشلىق بىر يۈك ترانسپورت ئايروپىلانى قەشقەر ئايرودرومىغا قونۇپ يۈك باسقاندىن كېيىن، 26-يانۋار كۈنى رۇسىيەگە قايتقان. خەۋەردە، بۇنىڭ بىلەن قەشقەر-موسكۋا ئارىسىدىكى يۈك ترانسپورت ھاۋا يولىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەردە، يۈك ئايروپىلانى ماشىناسازلىق ۋە كىيىم-كېچەك، ئېلېكترونلۇق بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممىتى 7 مىليون 830 مىڭ يۈەنلىك ئاز كەم 39 توننا مەھسۇلاتنى ئېلىپ ماڭغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونكرېت قانداق مەھسۇلاتلار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

لېكىن، «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى لى خوڭچى مەزكۇر يۈك ترانسپورت ھاۋا يولىنىڭ ئېچىلىشى «قەشقەر ھاۋا ترانسپورت ئېغىزلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە موسكۋادىن سىرت، قەشقەر بىلەن پاكىستاننىڭ كاراچى، ئىسلامئاباد، لاھور، ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت ۋە گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرى ئارىسىدا يۈك ئايروپىلانلىرى قاتنىماقتا ئىكەن.