قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.06.12

بۈگۈن قەشقەردە ئېچىلغان «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكى» ھەمدە خىتاينىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رولى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى  ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى  بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان « شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 12-ئىيۇن قەشقەردە ئېچىلغان. يىغىندا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسىگە ئالاقىدار تېمىلارنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن.

دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەن يۆ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى كۆپ خىل بولسىمۇ، ئىتتىپاقلىق ئىچىدە مەۋجۇت بولدى.  ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگۈچى  ئەڭ مۇھىم ئامىل خىتاي مەدەنىيىتىدۇر» دېگەن.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىغانلىقى باھانە قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق  دەرسلىك كىتابنى نەشر قىلغان بولۇپ،  پەن يۆ  بۇ دەرسلىك كىتابىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 

 ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېيمىس لېيبولد (James Leibold) « يۇقىرىدىكى كىتاب ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلەرنى، مىللىي سىياسەتلەرنى بىراقلا ئۆرۈپ تاشلىدى، پەن يۆنىڭ دەرسلىكى خىتاي مەركەزچىلىكى ئەپسانىسىنى قايتا پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يەنە بىر مەيدان ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ».

خىتاي ئاخباراتلىرىدا تۈرلۈك تارىخى ۋە  ئارخېئولوگىيەلىك  قېزىلمىلارنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى» تەشۋىق قىلىنىپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ تارىخنى سىياسەت ئۈچۈن قوللىنىش، بۇنىڭ ئۈچۈن تارىخىي ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلاشتىن يانماسلىق ئۇسلۇبى روشەن بولۇپ، يېقىندا خىتاي ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى بىلەن خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى  بىرلىشىپ ئاچقان  يىغىندا، چېگرا رايونلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ئارخېئولوگىيەنى قانداق قىلغاندا سىياسەتكە ماسلاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئېڭى بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.