قەشقەردىكى بىر ياتاقلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسىدە 14 ئوقۇغۇچى يارىلانغان

18-نويابىر كۈنى قەشقەر شەھەر مەركىزىدىكى بىر ياتاقلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئوقۇغۇچى يارىلانغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، يارىدارلاردىن ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى، قالغان 11 ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەرلەردە، ۋەقەنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىنىڭ كىرىش-چىقىش ئىشىكىدە يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىنسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، يارىدارلارنىڭ كىملىكىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى قەشقەر شەھەر مەركىزىدىكى 8-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى ئوغۇللار ياتاق رايونىنىڭ 1-بىناسىدا يۈز بەرگەن.

قەشقەر شەھىرى شىمالىي ئازادلىق يولى بىلەن ياۋاغ يولىنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان بۇ مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، 2017-يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى بۇ خىل «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە يىغىۋېلىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدە كىچىكىدىن تارتىپلا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىغا كېتىۋېتىپ، ياتاق بىناسىنىڭ چىقىش ئىشىكىدە يىقىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. خەۋەرلەردە، ۋەقەگە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىقىلىپ كېتىشى سەۋەب بولغانلىقىنى قەيت قىلىنسىمۇ، ئەمما چىقىش ئىشىكىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىنى دەسسەپ، 14 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇدەك ئەھۋالى دىققەت قوزغىماقتا.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش پىلانىنى دەرھال ھەرىكەتلەندۈرگەن، ئالاقىدار تارماقلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلغان. خەۋەرلەردە، يارىدارلارغا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.