ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانۇن چىقىرىپ، «قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرى» نى قوغدىماقچى بولدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.04.08

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانۇن چىقىرىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ ھالقىلىق تۈگۈنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» دە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش نىشانىدىكى ھالقىلىق شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان قەشقەر قەدىمى شەھىرى رەستىلىرىنى قوغدىماقچى بولغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ قارارى، خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ ئۆتكەن يىلى قەشقەرنى ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجىدىن قالسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈچ چوڭ «ئەركىن سودا رايونى» نىڭ بىرى، دەپ ‍ئېلان قىلىشى، ئۇيغۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق بۆشۈكى بولغان بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ھەم تۇرمۇش شەكلىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى قوغداش نىزامى» 31-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان.

قەشقەر كونا شەھەر رەستىلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى 30 ماددىلىق نىزامنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق رايوندىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىمۇ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋى تەرەققىياتنى بىرلەشتۈرۈشتە نۇرغۇنلىغان تارىخى ئورۇنلارغا ئوخشاش، زىددىيەت ۋە توسالغۇلارغا ئۇچراپ، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىيات ۋە پايدىلىنىشنى ماسلاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بۇ شەھەرنى قوغداش ھەم ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى قانۇن رامكىسىغا كىرگۈزۈش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر نىزامدا يەنىلا نۇرغۇن ھالقىلىق نۇقتىلارنىڭ مۈجمەل ھەم تۇتۇق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ياۋروپا پارلامېنتى بۇنىڭدىن خېلى يىللار بۇرۇن يەنى 2011-يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ‍ئۆي» سېلىش نامىدا قەشقەر شەھىرى رەستىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك چېقىشقا باشلىغاندا قارار ماقۇللاپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن چېقىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىغان، ھەتتا قەشقەرنى ب د ت پەن-مەدەنىيەت مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش چاقىرىقلىرىنىمۇ رەت قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.