خىتاي قوراللىق قىسىملىرى قەشقەردە يەنە ھەيۋە كۆرسەتكەن


خىتاي قوراللىق قىسىملىرى 31-مارت قەشقەرنىڭ خەلق مەيدانىدا پاراتتىن ئۆتۈپ ھەيۋە كۆرسەتكەن. خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ھەرىكەتكە «ھەيۋە قىلىپ چۆچۈتۈش، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى» دەپ نام بېرىلگەن. بۇ دائىرىلەرنىڭ يېقىنى 45 كۈن ئىچىدە قەشقەردە 3-قېتىم شۇ خىلدىكى ھەيۋە كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نۆۋەتتىكى كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىلگىرىدىكى ھەرىكەتلەرگە ئوخشىمايدىكەن. بۇ ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسكەر ۋە مۇقىملىق ساقلاش ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى كۆپ بولغاندىن سىرت، ئۇلار قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ئالدىدىن 3 يولغا بۆلۈنۈپ شەھەر مەركىزىگە قاراپ يۈرۈش قىلغان ھەمدە قەشقەر ماي كىنوخانىسى دوقمۇشى قاتارلىق مەركىزىي يوللاردا ئايلىنىپ شوئار توۋلىغان.

ئەمما، خەۋەردە ھەيۋە كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسكەر ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ سانى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش چوڭ يىغىنىنى17-فېۋرال قەشقەردە ئاچقان ۋە قەشقەر خەلق مەيدانىغا بىر نەچچە مىڭ ئەتراپىدىكى قوراللىق ساقچى قىسمى، ساقچى، خەلق ئەسكەرلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش قىسىملىرىنى يىغقان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۇن سۆز قىلىپ، ئاتالمىش «ئۇچى خىل كۈچلەرگە ئۈزۈل-كېسىل زەربە بېرىش» نى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى 28-فېۋرال ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ كىشىلىك ھەربىي پارات ئۇيۇشتۇرغان ۋە پاراتتىن كېيىنلا قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە يوللىغان.

شۇ كۈنى يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى قەشقەر خەلق مەيدانىغا توپلىنىپ قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

رويتېرسنىڭ ئالدىنقى كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە قاتمۇقات بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان بولۇپ، ھەتتا يەرلىك دۇكاندارلارمۇ كۈندە بىر نەچچە قېتىم چېلىنىدىغان تېررورلۇققا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئەگىشىشكە مەجبۇر ئىكەن. ئۇلار تېروۋوگا چېلىنغان ھامان قوللىرىغا كالتەك-توقماقلىرىنى ئېلىشىپ كوچىغا چىقىشىدىكەن ۋە مەۋھۇم پىچاقلىق ھۇجۇمچىغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بارىدىكەن.

يەرلىكتىن رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ خىلدىكى بىمەنە تەدبىرلەر چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەلگەندىن بۇيان تېخىمۇ كۆپەيگەن، ھەتتا دېھقانلارمۇ بىر قىسىم كەنت ئىشخانىلىرىنى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن ۋە قاتمۇ-قات كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىلگەن ئىدى.