د ئۇ ق: «قەشقەردىكى كونا قۇرۇلۇشلارنى چېقىش يەنىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدۇ»

بىرقانچە يىلدىن بۇيان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى خەلقئارادا «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاسلىقىغا ئىگە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى بۇزۇش، ئۇيغۇرلارنى ماكانىدىن كۆچۈرۈش سىياسىتى» دەپ تەنقىدلەنگەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر كونا شەھەر رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمىنى ساقلاپ قالغان ۋە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرىدىن تەڭرىتاغ تورىنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىتاي سېكرېتارى چېن جيۇگۇاڭنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، قەشقەر كونا شەھىرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ داۋاملىق چېقىلىدىغانلىقى ۋە زامانىۋى قەشقەرنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. قوشۇمچە قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىتاي سېكرېتارى چېن جيۇگۇاڭ، 30-ئۆكتەبىر قىلغان سۆزىدە، «قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت تىنچلىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكنى مەقسەت قىلغان، كونا ئۆيلەرنى چېقىش قۇرۇلۇشى زامانىۋى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن ئاممىغا كومپارتىيىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئاساس سالىدۇ» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ئەمەلدارى چېن جيۇگۇاڭنىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ، «چېن جيۇگۇاڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى چېقىشتىكى مەقسىتىنىڭ مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپتۇ. ئۇ ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە قەشقەر شەھىرىنى يوقىتىپ، خىتايلاشقان شەھەر قۇرۇش ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىش خاھىشىنى ئىپادىلىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان مۇقىملىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا نارازىلىقى كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.