خىتاي قەشقەر شەھىرىنى خەلقئارا سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 20-سېنتەبىر كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر شەھىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى 8 ئايدا 25 تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا 6 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن كۆپ مەبلەغ جۇغلانغان.

قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلماقچى بولغان «يىۋۇ خەلقئارا سودا مەركىزى» بۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ يېڭى قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭغا 2 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ خەلقئارا سودا مەركىزى «خىتاينىڭ سەر خىل ماللىرى»، تۈرلۈك-تۈمەن بۇيۇملار» نامىدىكى تور سودىسى سۇپىسىدىمۇ مال ساتىدىغان چوڭ بازار بولۇپ، كەلگۈسىدە قەشقەرنىڭ خەلقئاراغا يۈزلەنگەن چوڭ سودا مەركىزى بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي كارخانىلىرىنى قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكى، سودا قاتنىشى، يېزا ئىگىلىك، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق يەتتە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغانلىقى، چوڭ يىغىنلارنى ئېچىپ، ئىچكىرى خىتايدىكى شىركەتلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرگەنلىكى مەلۇم.

خىتاي ھازىر قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تىجارەتتە داڭقى بار قەدىمىي شەھەر قەشقەرنى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشتىكى نۇقتىلىق جاي، پاكىستانغا تۇتىشىدىغان «ئىقتىساد كارىدورى» نى ئاساس قىلغان مۇھىم سودا-ئىقتىساد تۈگۈنى قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىكى ۋەيران بولۇپ، خىتاي كارخانىلىرىغا بېقىنىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىرلاشماقتا ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ «قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» پىلانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «خىتاينىڭ قەشقەردە ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزى قۇرۇشى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلققە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ قۇرۇلۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ» دېگەنىدى.