قەشقەردىكى سودا يەرمەنكىسى قوشنا دۆلەتلەرگە كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.20

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە «14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبى ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى» قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يەرمەنكىگە تاجىكىستان ئاساسلىق مېھمان دۆلەت سۈپىتىدە قاتناشقاندىن باشقا، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سودا ۋەكىللىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتتىن 14 مۇخبىر كېلىپ، بۇ يەرمەنكىنى تەشۋىق قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، «قەشقەر يەرمەنكىسىدە جەم بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ يېڭى تارىخىنى يازايلى» تېمىسىدىكى بۇ يەرمەنكىدە، قەشقەرنىڭ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى ئورنى، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم سودا تۈگۈنى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىلا قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون» قىلىپ تەستىقلىغان بولۇپ، قەشقەر ئەركىن سودا رايونى 2023-يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ چوڭ «ئەركىن سودا سىناق رايونى» نىڭ بىرى بولغان. بۇ قېتىملىق يەرمەنكىدە، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى كۆرگەزمە رايونى، ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا ماللىرى كۆرگەزمە رايونى، خىتاي ماللىرى كۆرگەزمە رايونى قاتارلىق ئۈچ رايون تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ زور كۆلەمدە ھەمكارلىشىشىغا سەھنە ھازىرلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم دەرۋازىسى قىلىش بىر ۋاقىتتا قەشقەرنى ئەڭ مۇھىم سودا تۈگۈنى ۋە ساياھەتچىلىك مەركىزى قىلىشنى پىلانلىغان. شۇ سەۋەبتىن 2000-يىللاردىن تا ھازىرغىچە قەشقەرنى تامامەن ئۆزگەرتىپ، شېنجېنغا ئوخشاش ئەركىن سودا شەھىرى قىلىشقا كۈچەپ كەلگەنىدى. تەتقىقاتچى ھېنرىك شاجىۋىسكىي بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ قەشقەرنى ئىككىنچى شېنجېن قىلىش ئارزۇسىنىڭ تېخى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ قەشقەرگە بەك قىزىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇڭا ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، بىر ياقتىن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىن تەبىئىي بايلىقلارغا ئېرىشمەكچى، يەنە بىر ياقتىن تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.