ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە خىتاي قەشقەر بىلەن تاشكەنت ئارىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاپتوموبىل قاتنىشى يولى بەرپا قىلىشقا تۇتۇش قىلماقتا ۋە ئۆزبېكىستان ھەم قىرغىزىستان مەزكۇر ئاپتوموبىل يولى ۋە كەلگۈسى قۇرۇلغۇسى خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولىنىڭ ئۆزلىرىگە زور پايدا ئېلىپ كېلىشىگە ئۈمىد باغلىماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتتا ئېيتىلىشىچە، 24-25-يانۋار كۈنلىرى خىتاي، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتناش مىنىستىرلىكلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تاشكەنت شەھىرىگە جەم بولۇپ، 900 كىلومېتىرلىق قەشقەر-ئەركەشتام-ئوش-ئەندىجان-تاشكەنت ئاپتوموبىل يولىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېلىشى مەسىلىسى بويىچە يىغىن ئاچىدىكەن.
2017-يىلى، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارىسىدا بۇ يول ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان، ئارقىدىن ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ بىر قانچە يۈك ئاپتوموبىللىرى مەزكۇر لىنىيىدە تۇنجى قېتىم مۇراسىم بىلەن قاتنىغان ئىدى. كېلىشىم بويىچە مەزكۇر ئاپتوموبىل يولى لىنىيەسىدە خىتاي، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى يۈك توشۇيدىغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تەرەپ يەنە قەشقەردىن باشلىنىدىغان ئۈچ دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولنى قۇرۇش ھەققىدىمۇ پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ، 2012-يىلى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ئەمەلىيلەشمىگەن مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشقا خىتاي تەرەپمۇ جىددىي كىرىشكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى مەزكۇر ئاپتوموبىل ۋە تۆمۈر يول قاتناش كارىدورىدىن زور پايدىلارنى كۆزلىمەكتە. ئۇلار قۇرۇلغۇسى تۆمۈر يولى خىتاي-رۇسىيە سىبىرىيە تۆمۈر يولى، خىتاي-قازاقىستان تۆمۈر يوللىرىغا رىقابەت يارىتىدۇ دەپ قارىماقتا.
بىراق، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى ئون نەچچە يىلدا قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ سودىسىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرى ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە سالىدىغان مەبلەغلىرى ھەسسىلەپ ئاشقان بولۇپ، خىتاي قەشقەرنى ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى ئاسىياغا سودا-ئىقتىسادى جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇشقا تۇتۇش قىلماقتا ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى دۆلىتىلىك ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي تەقىبلەش ۋە ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن.