خىتاي «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» دا 37 چوڭ تۈرنى يولغا قويماقچى

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» دا توقۇمىچىلىق، ئۇچۇر-ئالاقە، سودا ئەشيا ئوبوروتى ۋە باشقا ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 چوڭ تۈر بويىچە ئىش باشلاشنى پىلان قىلغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە پىلانلانغان ئومۇمىي مەبلەغ 3 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروت پورتى تۈرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا سېلىنغان مەبلەغ بىر مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇ 567 مو يەرنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ تۈر سودا مۇلازىمىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توڭلىتىلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇش، مەركىزىي ئاشخانا ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزى قۇرۇش، رەتلەش مەركىزى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك توڭلىتىلغان يېمەكلىك دۇكىنى، يۇقىرى ئۆلچەملىك يېڭى ساقلاش ئامبىرى قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» دا ئارقىمۇ-ئارقىدىن چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، بۇ يەرگە نۇرغۇنلىغان چوڭ تىپلىق كارخانىلارنى يەرلەشتۈرمەكتە. چەت ئەللەردىكى ئادرىيان زېنز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر قەشقەرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە چېتىلىدىغان بۇ سىياسەتنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. بولۇپمۇ ئەسلىدە ئۇيغۇرلار 1949-يىللىرى 97-98% نى ئىگىلىگەن، خىتايلار نوپۇسى ئاران 2 مىڭ ئەتراپىدىكى قەشقەر ۋىلايىتىدە 2018-خىتايلار نوپۇسى 270 مىڭغا يەتكەن بولسا، يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە شىددەت بىلەن كۆپەيتىلگەن. قەشقەر شەھىرى نۆۋەتتە خىتاي شەھەرلىرىدىن پەرقلەنمەيدىغان ھالغا كېلىپ، پۈتۈن مائارىپ، ئىش ئورۇنلىرى، زاۋۇت-كارخانىلاردا پەقەت خىتاي تىلى ئىشلىتىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.