قۇراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە قىسمى «تېررورلۇققا قارشى ئاۋانگارت ئەترەت» دەپ تەشۋىق قىلىنماقتىكەن

خىتايدا چىقىدىغان «خەلق تورى» خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلاپ، «رەئىس شى جىنپىڭ كۆزدىن كۆچۈرگەن ئاساسىي قاتلام قىسىملىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋەر ئېلان قىلغان.

مەزكۇر يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان بۈگۈنكى تۇنجى سانىدا قۇراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە قىسمى «تېررورلۇققا قارشى ئاۋانگارت ئەترەت» دېگەن نامدا تەشۋىق قىلىنغان.

خەۋەردە دەيىلىشىچە، قۇراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتى 4-تارماق ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە قىسمى 1993-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئەترەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە «تېررورلۇققا دائىر ۋەقەلەرنى رازۋەتكا قىلىش ۋە ئاخبارات توپلاش، ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان قۇراللىق زەربە بېرىش» ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ ئالاھىدە ئەترەتنى «شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى بازغان» دەپ كۆككە كۆتۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتى 4-تارماق ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە قىسمى جايلاشقان قەشقەردىكى باش شىتابىنى ئالاھىدە كۆزدىن كۆچۈرگەن ئىكەن. ئۇ شۇ قېتىم مەزكۇر ئالاھىدە ئەترەتنى «قەھرىمان قىسىم» دەپ ئاتاپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىزمەت كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە يەنە مەزكۇر ئەترەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئەترەتتىكى كۆپ قىسىم قۇراللىق ساقچىلارنىڭ خىتاي بويىچە «خىزمەت كۆرسەتكەن» دېگەن ئارخىپى بار ئىكەن. مەزكۇر ئەترەتكە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ قۇراللىق ساقچى ساھەسىدىكى ۋەتەنگە ئەڭ سادىق 10 مۇھاپىزەتچىنىڭ بىرى» دەپ نام بېرىلگەن ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنى «قەھرىمان» قىلىپ پەردازلاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.