نۆۋەتتە قەشقەردە بىر خىل ئاق تېررورلۇق كەيپىياتى ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىكەن


رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، قاغىلىق يىلقىچى ۋەقەسىدىن كېيىن قەشقەرگە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە قەشقەردە بىر خىل ئاق تېررورلۇق كەيپىياتى ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىكەن.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەرچىگە قارىغاندا، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ئۆتكەللىرىگە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، ئادەم تەكشۈرۈشكە باشلىغان. نۇرغۇن ئادەم ئېلىپ كېتىلگەن، قاغىلىققا كىرىپ چىقىشمۇ چىڭىپ كەتكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قاغىلىقتىكى بىر دۇكاندار ھازىر قاغىلىق كوچىلىرىدا چارلاش ئەترەتلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، قاغىلىققا كىملىكسىز كىرىپ - چىقىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي قوراللىق كۈچلىرى 20 - ئاۋغۇست كېچىدە قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنى ئوققا تۇتۇپ 22 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ۋەقەدىن كېيىن رايوندا ئاختۇرۇش ۋە ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى.