بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ قاتتىق تەھدىتىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە ئولتۇراق ئوي، ياتاقلىق مەكتەپ، ئايرودروم قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كېڭەيتكەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەردە دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان يىللىق ۋەزىپە نىشانىنى 101 پىرسەنت ئورۇندىغان. كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ۋىلايەتتە يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈش، لاگېر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.
«خىتاي خەۋەرلىرى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ مەزگىلدە قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىلا ئىچىملىك سۇ، ئەرزان باھالىق ئۆي، ياتاقلىق مەكتەپ قاتارلىق 832 خىل قۇرۇلۇش تۈرى تاماملانغان. خەۋەردە تەكىتلىشىچە، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى تارقىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەت قامال قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى توختىمىغان.
خەۋەردە نۆۋەتتە قەشقەر ئايرودرومىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، تاشقورغان ئايرودرومى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 261 خىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۈركۈملەپ يۆتكەپ چىقىشقا باشلىغان ئىدى.