قەشقەر خىتاينى يورۇقلۇق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بازا بولۇپ قالغان

خىتاي دائىرىلىرى 2022-يىلى خىتاينىڭ پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى بويىچە 10 مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىنى قەشقەرنىڭ مارالبېشى، يەكەن ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەلىرى قىلىپ بېكىتىپ قۇرۇلۇشنى باشلىغان ئىدى.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يەكەن ۋە مارالبېشى ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم فوتوۋولت (نۇر ۋولت) تورى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قەشقەردىكى فوتوۋولت تورىنىڭ ئۇلىنىشى 1 مىليون 695 مىڭ كىلوۋاتقا، ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 300 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، «دۆلەت ئېلېكتىر تورى قەشقەر توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى» تورىدىكى ئەڭ چوڭ توك بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى بولۇپ قالغان. بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي تالان-تاراج خاراكتېرىدىكى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنىڭ نۆۋەتتە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

قەشقەر رايونىدا قۇياش ۋە ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشىدىغان ۋاقىت 2740 سائەتكە يېتىدىكەن. شۇڭا ئۇ مول قۇياش ئېنېرگىيەسى مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەردە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەر توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ فوتوۋولتلۇق تورىنىڭ ئۇلىنىشى ۋە ئىستېمالىنى تېزلىتىش ئۈچۈن قەشقەر توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى تور قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى، 220 كىلوۋولتلۇق ئۈزۈك ئېلېكتىر تورى ۋە 110 كىلوۋولتلۇق زەنجىرسىمان ئېلېكتىر تورى قۇرغانلىقى دېيىلگەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» ئىلگىرىكى خەۋىرىدە، پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قەشقەردە يولغا قويۇلۇشى بىلەن فوتوۋولتنى قوللاش تۈرلىرى، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى، شۇنىڭدەك سىم ۋە سىملىق كابېل ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 12 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يەرلىك ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

قەشقەردىكى بۇ 10 مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىدىغان فوتوۋولت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەخمىنەن 15 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدىغان بولۇپ، ئۇ تۆت مىليون توننىدىن كۆپرەك ئۆلچەملىك كۆمۈرگە باراۋەر ئىكەن.

«خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بازىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەڭ ئېغىر باغلانغان ساھە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەنىدى.