خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى «ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزى» گە ئايلاندۇرۇشقا كۈچىمەكتە

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 21-ئىيۇن كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەردە «13-نۆۋەتلىك قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى، شېنجېن خەلقئارا مەدەنىيەت ئىگىلىكى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ كۆرگەزمىسى» ئېچىلغان.

«قەشقەر يەرمەنكىسى» 2005-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى كۆلىمى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، 23 دۆلەت ۋە رايوندىن ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، خىتايدىكى كارخانىچىلار ئۆمىكى بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىدىكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا باشقارمىسىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «قەشقەر يەرمەنكىسى» ئالتە يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن بۇ قېتىم كاتتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان. بۇ يەردىكى ئالتە يىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يىللىرىغا توغرا كېلىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

يېقىندىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا قەشقەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات ئورنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلمەكتە. قەشقەرنىڭ ئىچكىرى خىتايغا، ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە پاكىستانغا تۇتاشقان سودا يوللىرى، «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەۋزەللىكى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنماقتا.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ قارىلىدىغان قەشقەر شەھىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000-يىللاردىن باشلاپلا چېقىپ ئۆزگەرتىش نىشانىغا، قەشقەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بولسا ئىچكىرى زاۋۇتلارغا ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئوبيېكتلىرىغا ئايلانغانىدى. ئۆتكەن يىل ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى مەلۇماتلارغا كۆرە، قەشقەردىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار شاڭخەيگە، شېنجىنغا، قەشقەردىكى بىڭتۇەننىڭ تۇمشۇق شەھىرىگە، ئاقسۇدىكى بىڭتۇەننىڭ ئارال شەھىرى ۋە ساۋەن قاتارلىق جايلاردىكى بىڭتۇەن رايونلىرىغا يۆتكەلگەن.

خىتاي يەنە «قەشقەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامىدا بۇ جاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنىمۇ پىلانلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي قەشقەردە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «ھەر قايسى مىللەتلەر بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلغان كۆپ قاتلاملىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» نى تەكىتلىگەنىدى.