«قەشقەردە قايتا ئۇچرىشىش» ناملىق ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان يېڭى ئىنگلىزچە كىتاب برىل نەشرىياتىدا يورۇق كۆرگەن


ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى كىتاب - «قەشقەردە قايتا ئۇچرىشىش» ئەنگلىيەدىكى داڭلىق نەشرىيات - برىل تەرىپىدىن يېقىندا نەشىر قىلىنغان.

بۇ كىتاب مەشھۇر شىۋېت ئۇيغۇرشۇناسى ۋە دىپلومات گۇننار ياررىڭنى ياد ئېتىش مۇناسىۋىتى بىلەن 2013 - يىلى دانىيەنىڭ كوپېنخاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ئىلمىي ماقالىلار ئاساسىدا يورۇقلۇققا چىققان ئىكەن.

مەزكۇر كىتابقا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىدىكى 16 نەپەر تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، فولكلورى ھەمدە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىل - يېزىقىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە ۋەسىقىلەر شۇنداقلا بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدىكى ئانتروپولوگىيەلىك تەتقىقاتلارغا بېغىشلانغان يوقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي ماقالىلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

برىل نەشرىياتىنىڭ مەزكۇر كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن چىقارغان كىتاب خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «16 ئاپتورنىڭ مەزكۇر كىتابقا تاللانغان 14 پارچە ماقالىسى ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تۈرلۈك كۈزىتىش نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەسىلىلىرىگە ئانالىز يۈرگۈزگەن. تارىخ، تىلشۇناسلىق، ئاتروپولوگىيە ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بۇ ماقالىلاردا شىنجاڭنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات ئۇچۇرلىرى ئورۇن ئالغان.»

«قەشقەردە قايتا ئۇچرىشىش» ناملىق بۇ كىتابنى كوپېنخاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلدىكو بېللەر خان، ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بىرگىت شىلىتېر، ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى جۇن سۇگاۋارا قاتارلىقلار نەشىرگە تەييارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «قەشقەردە قايتا ئۇچرىشىش» ناملىق بۇ كىتاب برىل نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىدە نەشىر قىلغان يەنە بىر يېڭى كىتابى ئىكەن. مەزكۇر نەشرىيات يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يورۇقلۇققا چىقارماقتا.