قەشقەردە دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش ئىشلىرى كۈچەيتىلگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە دىنىي زاتلار بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقادى ۋە دىنىي تەربىيىسى كۈچلۈك ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى تىزىملاش ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن.

بۇ سىياسەت قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىر قەدەر قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە خىتاينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ساقچى ئىدارىسى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ دىنىي زاتلار ھەققىدە تەپسىلىي ئارخىپ تۇرغۇزغان.

بىز كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا شۇ خىلدىكى، ئارخىپلارنىڭ بىر خىلىدا قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى مەسچىت - جامىلاردا ئىمامەتچىلىك قىلىۋاتقان زاتلار تىزىملانغان، يەنە بىر خىلىدا ۋىلايەت تەۋەسىدىكى دىندار ئائىلىلەر ۋە تالىپلار تىزىملانغان.

تىزىملىككە دىنىي زاتلارنىڭ كىملىك نومۇرى، ئادرېسى، ئائىلە جان سانى، سىياسىي مەيدانى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، شۇغۇللانمىغانلىقى، خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان، سايلانمىغانلىقى، ھازىرقى ئىپادىسى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

بۇ ئارخىپلار بۇ يىللىق ئارخىپلارغا تەۋە بولۇپ، بۇنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى پەسىللىك تولدۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2012 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي تەقىب قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.