چىڭداۋدا نېفىت تۇرۇبا يولى پارتلاپ 47 ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر 18 مىڭ ئادەمنى پارتلاش رايونىدىن تارقاقلاشتۇرغان.
جۈمە كۈنى ئەتىگەن يۈز بەرگەن بۇ پارتلاش يوللارنى يېرىۋەتكەن بولۇپ، شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا گاز، سۇ ۋە توك توختاش كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئادەملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىدىكى سەۋەبلەرنى تەپسىلىي كۆرسەتمىگەن.
ھۆكۈمەت ئاخباراتى، يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە پارتلاش رايونىغا يېقىن جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چىڭداۋ شەھەرلىك مۇھىت ئىدارىسى جۈمە كۈنى، دېڭىزغا نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈنمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما 3000 كۋادرات مېتىرلىق دائىرە ئاللىقاچان بۇلغىنىپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دائىرىلەر ۋەقە يۈز بەرگىدىن كېيىن جىددىي ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا پارتلاشنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەمەس» لىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدى.