رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى تىبەتلەر ئولتۇرۇشلۇق يۈشۇ بازىرى جىچۈن يېزىسىدىكى 7 نەپەر تىبەت پۇقراسى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنغان بولۇپ، قولغا ئېلىنغان يەتتە كىشىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا بارغان تىبەتلەر ساقچىلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا ئۇچراپ،كۆپ ئادەم يارىلانغان.
ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ھىندىستان دارامسالادىكى «تىبەت گېزىتى» تەھرىرى چۈنىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «يۈشۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان 7 نەپەر تىبەت پۇقراسى، بۇ يىل 19 - يانىۋار كۈنى ناھىيىدىكى تىبەت پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي يايلاق ئىگىلىۋېلىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىغا باشلامچىلىق قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار 22 - ئاپرېل كۈنى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، كەنتتىكى تىبەتلەردىن نەچچە يۈز كىشى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلغىنىدا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قوراللىق ساقچىلارنى ئەۋەتىپ ئاممىنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
«تىبەت گېزىتى» تەھرىرى چۈنىنىڭ بايان قىلىشىچە، «ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلانغان تىبەتلەر، 7 نەپەر تىبەتلىكنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، بۇلتۇر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن يايلاقلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. نامايىشنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلار ئامما ئارىسىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان، ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلانغان ئەر - ئايال،قېرى - ياش ھەممىنى توك كالتىكى قاتارلىقلار بىلەن ئۇرغان بولۇپ، ۋەقەدە كۆپ ئادەم يارىلانغان» ئىكەن.