قىرغىزىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر ئالتۇن كېنىدا شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان خىتاي كان ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىك قىرغىز خەلقى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 5-ئاۋغۇست كۈنى 500 ئەتراپىدا يەرلىك خەلق شۇ جايدىكى ئالتۇن كېنىنى ئېچىۋاتقان «جوڭجى» ناملىق خىتاي شىركىتىنىڭ كان رايونىغا باستۇرۇپ كىرىپ، خىتاي ئىشچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ۋە شىركەتنىڭ بىر قانچە كىرانلىرىنى مۇسادىرە قىلغان.
قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 6-ئاۋغۇست كۈنى بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشتا 20 نەپەر خىتاي ئىشچىسى يارىلىنىپ دوختۇرغا ئاپىرىلغان. قىرغىزلار ئارىسىدىمۇ بىر قانچە كىشى يارىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك خەلق خىتايلارنىڭ بۇ يەردە كان ئېچىپ مۇھىتنى بۇلغىغانلىقى سەۋەبىدىن ئات-ئۇلاغلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن. بۇ سەۋەبتىن قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئۆتكەن ئايدىلا باشلانغان بولۇپ، نەتىجىدە بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى 5-ئاۋغۇست كۈنى توقۇنۇشقا ئايلانغان.
ئەمما يەرلىك دائىرىلەر خىتاي شىركىتى ئاچقان كاننىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولمىغانلىقىنى، سۇ ۋە تۇپراقتا ھېچقانداق زەھەرلىك ماددا ياكى رادىئاتسىيە بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى كۇباتبېك بورونوف ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كاشكار جۇنۇشالىيېفلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، قىرغىز نامايىشچىلاردىن دەرھال تارقىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما نامايىشچى ئامما بۇنى رەت قىلىپ، ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ كانلارنى بىكار قىلمىسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆتكىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىرغىزىستان باش مىنىستىرى مۇھەممەدكالىي ئابىلغازىيېف بولسا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يەرلىك خەلقنى توقۇنۇشنى سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋەتمەسلىككە چاقىرغان.