خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتى داۋامىدا بىخەتەرلىكنى تەكىتلىگەن

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى «مۇرەككەپ ھەم كەسكىن» دەپ شەرھلەپ، قىرغىزىستانغا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

ياۋرو-ئاسىيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىرغىزىستانغا بارغان بولۇپ، ئۇ يۇقىرىدىكى سۆزنى مۇشۇ يىغىن جەريانىدا قىلغان. لى كېچياڭ سۆزىدە يەنە، قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇم ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، قىرغىز ھۆكۈمىتىنى دېلو ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشىنى تېزلىتىپ، بالدۇرراق خۇلاسە چىقىرىشقا ۋە قىرغىزىستاندا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.

30-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتا ھۇجۇم يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، قىرغىز دائىرىلىرى ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق، ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. بىراق كېيىن، قىرغىزىستان تەكشۈرۈش خادىملىرى بەزى قىرغىزىستانلىق ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭمۇ خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇچرىغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ئىدى. ھازىرغىچە ۋەقەگە قىرغىز، ئۆزبېك ۋە رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ چېتىشلىق ئىكەنلىكى بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھۇجۇمنىڭ قايسى تەشكىلاتنىڭ، نېمە سەۋەبتىن قىلغانلىقى ئېنىقسىز تۇرماقتا.

ياۋرو-ئاسىيا خەۋەرلەر تورى قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە بېرىۋاتقان بەزى زىددىيەتلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.