1991 - يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مىللەتلىرىنىڭ ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىگە قايتىپ يەرلىشىشى باشلانغان ئىدى. مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زەمىن دائىرىسى بىر قەدەر كىچىك ھېسابلىنىدىغان قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە 25 يىلدىن بۇيان چەت 'ئەللەردە ياشايدىغان قىرغىزلاردىن 50 مىڭ ئادەم قايتىپ كېلىپ ماكانلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 40 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قىرغىزىستان پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغان، قالغانلىرى پەقەت تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن ياشىماقتا ئىكەن.
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستانغا قايتىپ كېلىپ، ماكانلاشقان چەتئەل قىرغىزلىرى ئىچىدە ئۆزبېكىستان قايتىپ كەلگەن ئەڭ كۆپ ئىكەن. يەنى، ئۆزبېكىستاندىن 19مىڭ 446 نەپەر، ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا تاجىكىستاندىن 17 مىڭ 736 نەپەر ئېتنىك قىرغىز قايتىپ كەلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 200 مىڭغا يېقىن قىرغىز ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن قىرغىزىستانغا قايتىپ كېلىپ قىرغىزىستان پۇقرالىقىنى ئالغانلار ئاران 29 نەپەرنى، رۇسىيەدىن قايتىپ كەلگەنلەر 30 نەپەرنى، تۈركىيەدىن قايتىپ كەلگەنلەر 1 نەپەرنى تەشكىل قىلىدىكەن.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بويىچە نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاندا 350 مىڭ، خىتايدا 200 مىڭ، تاجىكىستاندا 83 مىڭ، تۈركىيىدە 2 يېرىم مىڭ، ئافغانىستاندا 20 مىڭ ئېتنىك قىرغىز ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمى سانى 636 مىڭدىن ئاشىدىكەن، ئەمما رۇسىيەگە كېتىپ ئىشلەۋاتقان ۋە تۇرىۋاتقان مېھنەت مۇھاجىرلىرى چەتئەل قىرغىزلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن.