قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئاتانبايېف ئاتاتۈرك تۈرك تىلى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
تۈركىيە ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتانبايېفقا 2013 - يىللىق ئاتاتۈرك تۈرك تىلى مۇكاپاتى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر مۇكاپاتنى تۈركىيە مىللىي مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ساگلام 4 - ئىيۇل كۈنى بىشكەكتە ئالماسبېك ئاتانبايېف بىلەن كۆرۈشكەندە تاپشۇرغان.
ئاتاتۈرك تۈرك تىلى مۇكاپاتى ھەر يىلى بىر قېتىم تۈركىي تىللارنى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ، ھازىرغىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مۇكاپاتنى ئىسپانىيە باش مىنىستىرى خوسې لۇيىس، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ھەيدەر ئالىيېف قاتارلىقلارغا بەرگەن ئىدى.