ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى: «قىرغىنچىلىققا قارشى يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم!»

ئۇيغۇر دىيارىدا «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا سىستېمىلاشقان لاگېرلارنىڭ ھەقىقى قىياپىتى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى بىر يۈرۈش مەخپىي ھۆججەتلەردە ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ «مەكتەپ» لەرنى ئىنكار قىلىشى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ بۇلارنى «كۆرمەي قالغانلىقى» خەلقئارادا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. مانا مۇشۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا يېقىندا بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ: «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا ئىشتىراك قىلغان بارلىق ئەمەلدارلارغا تەدبىقلاشنى تەلەپ قىلغان.

«زېمىستان» ژۇرنىلىنىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى باش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېللېن (Janet Yellen) ۋە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن (Antony Blinken) غا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا جاۋابكار ئەمەلدارلار قاتارىغا جاۋ كېجى (خىتاينىڭ سابىق ج خ مىنسىتىرى)، ۋاڭ ياڭ، گو شېڭكۇن (مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى)، خۇ ليەنخې قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ قوشۇشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىگىمۇ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى، مەزكۇر بىرلەشمە مەكتۇبقا ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «نېمە ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھېلىھەم بەخۈدۈك كالىفورنىيەدە، ۋانكۇۋېردا ۋە فرانسىيەدە ئۆي سېتىۋالالايدۇ؟ دېمەك، بىزنىڭ ھازىر ‹يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى› نى ئىجرا قىلىپ ئاشۇ ئەمەلدارلارنىڭ چەت ئەللەردىكى بايلىقىنى توڭلىتىپ قويۇشىمىزنىڭ ۋاقتى كەلدى،» دېگەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى چەكلەش ھەققىدە تۈرلۈك چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.