قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتانبايېف 26-ماي كۈنى مەخسۇس پەرمان چۈشۈرۈپ، 1916-يىلىدىكى قىرغىز خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە قىرغىنغا ئۇچرىغانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ھەيكەل ئورنىتىش ۋە ئۇلارنى خاتىرىلەشنى قارار قىلدى.
پەرغانە تورىنىڭ قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتانبايېف 1916-يىلىدىكى ۋەقەگە 2016-يىلى، ساق 100 يىل توشۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پەرمان چىقارغان بولۇپ، مەزكۇر پەرماندا 1916-يىلى چار رۇسىيەنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغانلىقى، قىرغىز خەلقىنىڭ مەزكۇر قوزغىلىڭىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بۇ ۋەقە قىرغىزلار تەرىپىدىن «چوڭ قېچىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
مەلۇمكى، 1916-يىلى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، جۈملىدىن قىرغىزلارنىڭ قوزغىلىڭىنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى زور ساندىكى ئەسكىرى كۈچ بىلەن باستۇرغان، قىرغىنچىلىقتىن ساق قېلىش ئۈچۈن بىر قانچە يۈز مىڭ قىرغىز، قازاق ۋە ئۆزبېكلەر قوشنا ئۇيغۇر ئېلىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان.
پەرغانە ئۇچۇر تورىدىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1916-يىلىنىڭ قىش مەزگىلىدە ئىسسىق كۆل، نارىن قاتارلىق جايلاردىن ئۇيغۇر ئېلىغا قاچقان قىرغىزلاردىن زور ساندىكى ئادەم ئېگىز تاغ ئۆتكەللىرىدە ئاچلىق، كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن. شۇ قېتىملىق قىرغىچىلىق ۋە قېچىش جەريانىدا 150 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى پەرەز قىلىنغان. «ستان رادار» تورىدىكى ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ قېتىملىق ۋەقەدە مەزكۇر ۋىلايەتلەرنىڭ ئاھالىسى 40% ئازلاپ كەتكەن.
ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىدە ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ ھەقتە مەلۇماتلار مەۋجۇت. ئېيتىلىشىچە، مىڭلىغان قىرغىزلار بالا-چاقلىرىنى ئېلىپ، مىڭ بىر جاپادا ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ ۋە قەشقەر ئەتراپلىرىغا قېچىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەملىرىگە ئېرىشكەن ئىدى.