قىرغىزىستاننىڭ يېڭى سايلانغان پرېزىدېنتى جۈمە كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

قىرغىزىستاننىڭ يېڭى سايلانغان پرېزىدېنتى سۇرونباي جېنبېكوف جۈمە كۈنى قەسەم بېرىپ، پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ، نوپۇسى 6 مىليونلۇق قىرغىزىستاندا سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان رەھبەرلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ھوقۇقنى ئۆز ئارا بىر بىرىگە تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدۇر. بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن سۇرونباي جېنبېكوف قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا قىرغىزىستاننىڭ «بىرلىكىنى قوغداشقا» ۋەدە بەرگەن.

قىرغىزىستاننىڭ بۇرۇنقى ئىككى پرېزىدېنتى 2005 -ۋە 2010‏-يىللىرىدىكى ئىسياندا ئاغدۇرۇلغان. 2‏-قېتىملىق ئىسياندىن كېيىن پارتلىغان ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ئىدى. جېنبېكوف، رۇس ۋە قىرغىز تىللىرىدا قىلغان قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە قىرغىزلارنىڭ مىللىي داستانى - «ماناس» تىن ئۈزۈندىلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىيانەتچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «خىيانەتچىلىككە قارشى شەپقەتسىز كۈرەش باشلاندى. جەمئىيەتنى تازىلاشنىڭ شەرت-شارائىتى پىشىپ يىتىلدى،» دېگەن.

قىرغىزىستان ئاساسى قانۇنىدا پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 6 يىل بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇرۇنقى پرېزىدېنت ئاتامبايېف دەۋرىدە قىرغىزىستان نىسپىي تىنچلىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي ئىسلاھات ئېلىپ بارالمىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئاتامبايېف ئۆزنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «بىز ھازىر يەنىلا مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ تۇرۇۋاتىمىز،» دېگەن. بىراق چەتئەللىك بەزى ئانالىزچىلار جېنبېكوفنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى، خىيانەتچىلىككە قارشى كۈرەشنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرۇشى گۇمانلىق، دەپ قارىماقتا.

جېنبېكوف بۇ يىل 15‏-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا 54 پىرسەنت ئاۋازغا، ئۇنىڭ رەقىبى ئۆمۈربېك بابانوف 35 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پرېزىدېنت جېنبېكوف ئاتامبايېفنىڭ رۇسىيەگە ماھىل سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرسىمۇ، بىراق ئۇ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق تۈزەش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىكەن. بۇ قېتىمقى سايلامدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف جېنبېكوفنىڭ رىقابەتچىسى ئۆمۈربېكنى قوللىغان ئىدى.