قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرلىرى قەشقەردە ما شىڭرۈي بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن
2024.03.01
قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرلىرى 1-مارت كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئاقىل جاپپاروف، ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارىپوف ۋە ما شىڭرۈينىڭ ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتتە، ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ماقۇللىغان ئورتاق قارارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ يەرلىك ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەر ساھەدىكى ھەر تەرەپلىمە «ئەمەلىي ھەمكارلىق» نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە شۇنىڭدەك تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ ئىشلاردا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بۇ، تۇنجى قېتىم بىردىن ئارتۇق چەت ئەل ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قەشقەردە زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتتە بولۇشىدۇر.
«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتكە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازمۇ قاتناشقان. خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان، قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ب د ت دا خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ئىككى ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ قەشقەرگە كېلىپ، ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتتە بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا. قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشتا تەرەپلەرنىڭ تورغات چېگرا ئېغىزىدا ئورتاق تەكشۈرۈشلەردە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۈچ تەرەپلىك قەشقەر سۆھبىتى ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن ھەپتە بەزى قىرغىزىستان شىركەتلىرىنى رۇسىيەگە چەكلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشى سەۋەبىدىن جازالىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 1-2 يىلدىن بېرى قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيەگە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشى شىددەتلىك ئارتقان. بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاينىڭ بەزى مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇر رايونىدىن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارقىلىق رۇسىيەگە چىقىرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.