قىرغىزىستان پرېزىدېنتى رەقىبلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېف پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ مەملىكەت ۋەزىيىتىنى مالىمانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاتامبايېف رەقىبلىرىنىڭ قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان چېگراسىدىكى جالالئاباد رايونىدا ئەتەي سۈركىلىش پەيدا قىلىپ، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىش قەستىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئاتامبايېف تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان چېگرا بۆلىكىدىكى ئۆزبېك ئەسكەرلىرىنى ھەيدەپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەرىكىتىنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەمىنلىگەن مەلۇماتلاردا بىرنەچچە سىياسىيوننىڭ ئاتامبايېفنى ئاغدۇرۇۋېتىش مەقسىتىدىكى مەخپىي ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، بۇلار ئاتامبايېفنى ناھايىتى بىئارام قىلغان. ئۇ ھازىرقى ۋەزىيەتنى «جىددىي» شۇنداقلا «دوستانىلىك مەۋجۇت ئەمەس» دەپ تەسۋىرلىگەن.

ئاساسىي قانۇن بويىچە ئاتامبايېفنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى تامام بولىدىكەن ۋە قايتا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدىكەن. زورلۇق خاراكتېرىدىكى نامايىش ھەرىكەتلىرى 2005-يىلى ۋە 2010-يىلى ئىككى قېتىم قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرىنى ھاكىمىيەتتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى.