بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان قىرغىزىستاننىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمى يېقىنلاۋاتقاندا بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ يەنە بىر مەيدان مالىمانچىلىققا سەۋەب بولۇش ئېھتىماللىقى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.
«ئاسىيا خەۋەر قانىلى» نىڭ 3-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 15-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن 12 كىشى ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىردىن-بىر ئايال نامزات توختايىم ئۈمىد ئەلىيېۋا بۇ قېتىمقى سايلام ھەققىدە توختىلىپ «قىرغىزىستان تارىخىدا بىر پرېزىدېنتنىڭ يەنە بىر پرېزىدېنتقا ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھېچقاچان تىنچلىق ئىچىدە تاماملانغان ئەمەس» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە ھازىرقى پرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋ قايتا سايلىنالمايدىكەن. سىياسىي جەھەتتە رۇسىيەنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدىغان بۇ جۇمھۇرىيەت مەبلەغ ۋە ئىقتىسادىي ياردەم جەھەتتە خىتايغا موھتاج ئىكەن.