خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسى قىرغىزلارنى لاگېرغا سولىغانلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.10.12

خىتاينىڭ بېشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى قىرغىزلارنى لاگېرغا سولىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى قىينىغانلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

«زېمىستان» تورىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، قىرغىزىستانغا قېچىپ بارغان بىر لاگېر شاھىتى قىرغىزلارنىڭ لاگېرغا سولىنىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاز دېگەندە 10 مىڭ قىرغىز ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرغا سولانغان؛ يەنە بىر قىسىمى ئاتۇش، ئۇلۇغچات ۋە ئاقچى ناھىيەسىدىكى لاگېرلارغا سولانغان بولۇپ، ھەممىنى قوشقاندا، 25 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

«ئايگۇل» ئىسىملىك بۇ قىرغىز شاھىت ئەسلىدە قىرغىزىستانغا ئوقۇشقا چىققان بولۇپ، 2017-يىلغا كەلگەندە خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنى ۋە ساۋاقداشلىرىنى ئاپتوبۇسقا سېلىپ، تورغات ئېغىزىغا ئېلىپ بارغان؛ چېگرادىن ئۆتكەن ھامان خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيگۈزۈپ، قوللىرىغا كويزا سالغان. قىرغىز قىزلار لاگېردا قاق سەھەر تۇرۇپ «پارتىيە نىزامنامىسى» ئۆگەنگەن، «دۆلەت ناخشىسى» ئېيتقان، پىشۇرۇلغان ئوت-چۆپ يېگەن، مەينەت سۇ ئىچكەن، ساقچىلاردىن تاياق يېگەن، ئۇلار قىرغىزىستاندا ياكى قازاقىستاندا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق جازالانغان.

ئايگۇل قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، قىرغىزىستانغا چىقىۋالغان ۋە لاگېردىكى قاباھەتنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان بىردىنبىر قىرغىز شاھىت بولۇپ قالغان. خىتاينىڭ بېشكەكتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ئايگۇلنىڭ ھېكايىسىنى يالغانغا چىقارغان ھەمدە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە تاراتقۇلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاتماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

يەنە بىر قىرغىز لاگېر شاھىتى ئوۋالبەك تۇرداخۇن كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن 2022-يىل ئامېرىكاغا كېلىپ ئۆز كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتقانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.